• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

GoogleAdsense

يوللانغان ۋاقىت 2011-05-01 / زىيارەت سانى:

خالاستان بلوگى كەڭ تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندىكى ھەقلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.

تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1. ۋاكالىتەن Google Adsense ئىلانى ئىلتىماس قىلىپ بىرىش

بلوگگېر نەزەرى مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس يوللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تور باشلىقلىرىغا ئىلان ھىسابات نۇمۇرىنى ۋاكالىتەن ئىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويدى. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە Google ئىلان بېرىپ باقمىغان ھەم كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىمۇ بېرىشى ناتايىن.شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا مەخسۇس ئىشلىتىلدىغان ئىسىم ۋە تور بەت كىرەك. مەن مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇغللىنىدىغان بىر يىقىن خەن بۇرادەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر بىكەت باشلىقلىرىغا مۇلازىمەت تەمىنلەيمەن. مەن خالاستان بلوگىغا بىر مۇناسىۋەتلىك كىشىدىن ئالغان، ھازىر نورمال مىڭىۋاتىدۇ.

تىزىملاش ئۈچۈن پەقەت ئىلتىماسچىنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە ئىسمىلا تەلەپ قىلىنىدۇ(خەنزۇچە ئىسىم ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدىن باشقا ھەممە ماتىريالنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ). ئىلتىماس تەستىقلىنىش نىسبىتى 95% بولۇپ(ھازىرغىچە 100% تەستىقلىنىۋاتىدۇ) ئەڭ زور دەرىجىدە بىكەت باشلىقلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىشنى نىشان قىلىمەن. ئىلتىماس مۇۋاپپەقىيەسىز بولسا پۇل ئىلىنمايدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش شەكلى 淘宝 دۇكاندا بولىدۇ. يەنىhttp://halastan.taobao.comدا پۇل تاپشۇرۇپ ماڭا ئىسىمنى تەمىنلىسە بولىدۇ. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كىيىن 淘宝 دا 确认 تاللىسا ئاندىن پۇل ماڭا تىگىدۇ. بولمىسا پۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. سۈپەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ! نەزەرى بۇ ھەقتە كاپالەت بىرەلەيدۇ. ئېلخەتadmin@halastan.com. ئەگەر قىرىنداشلارغا بۇنداق قېلىش سەل قولايسىز تۇيۇلسا كارتا نومورۇمغا ئۇرسىمۇ بولىدۇ، لىكىن مەن بىلەن ئاۋال ئالاقىلىشىشى كىرەك.

نۆۋەتتە خالاستان بلوگىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە ۋولقان تورىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە ئالغا بلوگىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە مىسىر بلوگىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە يادىكار تورىغا مۇۋاپقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

نۆۋەتتە خالاستان بلوگىغا قايتا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە قۇت بلوگقا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە پۇتبۇل تورىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە ئىلقۇت تورىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە ئۈزۈم تورىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە قۇتلۇق بىلوگىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

نۆۋەتتە ئادام تورىغا ئىلتىماس تەستىقلاندى.

2. ۋاكالىتەن Google Adsense نىڭ PIN نومۇرى ئېلىپ بېرىش

يۇقاردا ئېىلىغان ھەر بىر تۈركۈم ئېلانغا پەقەت 20 سوم قوشسىڭىز ۋاكالىتەن Google Adsense نىڭ PIN نومۇرى ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمەن.

تۆۋەندىكىلىرى بلوگدا كۆرۈلگەن سۇئال جاۋاب:

1.بىر Google Adsense ھېساۋات نومۇرىغا قانچە ئېلان ئالغىلى بولىدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ ئىسىمغا پەقەت بىرلا ھىسابات نومۇرى ئىلىشقا بولىدۇ. لىكىن بىر تور بەت ئىسمىغا خالىغانچە كۆپ ئىلان ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا تور بەت بىلەن قۇرغۇچىنىڭ مۇقىم ئارخىپى يوق.
ئىلتىماستا تىزىملاتقان خەنزۇچە ئىسىمدىن باشقا ھەممە ماتىريالنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىلان ئىلىش ئويىدا بولسىڭىز يىقىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئىسمىدا ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت بانكىدىن پۇل ئالغاندا شۇ كىشىنىڭ كىملىكى لازىم بولىدۇ.

2.بىرGoogle Adsenseئىلان كودىنى قانچە يەرگە قويۇشقا بولىدۇ؟

ئىلان كودى دىگەن ئاشكارا نەرسە ، شۇڭا ئۇنى سىز باشقىلارغا بەرسىڭىزمۇ، ياكى ۋە چەكسىز تەكرار ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەمدى ئىلان سانىغا كەلسەك، ھىچقانداق چەكلىمە يوق. يەنى سىزنىڭ 100 تور بىتىڭىز بولسا 100 تور بەتكە بۇ ئىلاننى(كودنى) قويسىڭىز بولىۋىرىدۇ. پەقەت بەك چىكىلىش قىتىمى بىلەن ئىلان چىكىلىش قېتىمى مۇۋاپىق نىسبەتتە بولسا ، مەسىلەن 100 قىتىم ئىچلغان بەتتە 2 قىتىم ئىناۋۋەتلىك ئىلان چىكىلسە بولىدۇ.چېكىلىش نىسبىتى بەك ئىشىپ كەتسە مۇناسىۋەتلىك IP نى چەكلەش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يەنى ئىلان چىكىلمىسا ئەڭ بىخەتەر.

 يەنى، سىز ئېلاندىن بىرنى ئېلىپ خالىغان ساندىكى بىكەتكە قويسىڭىز بولىدۇ،پەقەت بىر بەتتە ئىككى ئابونىتنىڭ ئېلانى كۆرۈنۈپ قالمىسۇن.

3. كۆپGoogle Adsenseنۇمۇرى ئېلىشنىڭ نىمە پايدىسى؟

google نىڭ ئىلان مۇلازىمەت تەستىقلىشى بىر قەدەر ئاستا، شۇنداقلا توختىتىشى پەۋقۇئاددە تېز. ئىلاندا بىنورماللىق كۆرۈلسە ناھايتى تىزلا توختايدۇ.تاساددىپىي تور بەتتىكى ئىلانلار باشقىلار تەرىپىدىن ئۇدا نەچچە كۈن كۆپ چىكىلىپ كەتسە ئىلان بەرگۈچى تەرەپ بۇنىڭ ھەقىقىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئىلاننى توختىتىۋىتىدۇ،ياكى تور بەتتىن ئاپتورلۇق ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك(ناخشا-مۇزىكا) بايقاپ قالسىمۇ توختايدۇ.بۇنىڭغا دەرھال باشقا ئىلاننى قويۇپ كىرىمنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋەرگىلى بولىدۇ.

4. ئىلان كىرىمى قانداق ھىسابلىنىدۇ؟

. ئىلاننىڭ تۆۋىنى ھەقسىز، يۇقىرىسى 10 دوللارغىچە كىرىملىكلىرى بار. بەتكە قويۇلغان ئادەتىىكى ئىلاننىڭ كىرىمىنىڭ 68 پىرسەنتى بىكەت باشلىقىغا بىرىلىدۇ. ئىزدەش نەتىجە بىتىدىكى ئىلاننىڭ 53 پىرسەنت كىرىمى بىكەت باشلىقىغا بىرىلىدۇ. كۆچمە ئۈسكىنە بىتى ۋە يىراقتىن ئوقۇش بېتىدىكى كىرىمنىڭ نىسبىتى تېخىچە كىڭەش باسقۇچىدا. كىيىنكى 3 تۈر ئادەتتە بەك كىرىم بولمايدىغان تۈرلەر ھىسابلىنىدۇ.

5. بۇ ئىلاندىن قىلىنغان كىرىمنى قانداق ئالىمەن؟

ھىسابتىكى پۇل 10 دوللارغا يەتسە ئۇلار سىزگە بىر خەت ئەۋەتىدۇ. ئىسمى Pinدەپ ئاتىلدىغان بۇ خەت سىزنىڭ ھەقىقى ئادەملىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرىلگەن بولۇپ، ئالدامچىلىق ۋە بىخەتەرلىك ئامىللىرى ئويلىشىلغان، سالاھىيىەت بىكىتىدىغان خەت. بۇ بىكىتىلگەندىن كىيىن كىرىمىڭىز 100 دوللارغا يەتسە ئۇلار سىزگە پۇل سالىدۇ. پۇلنى سىز كىملىككە ئاساسەن چوڭ بانكىلارنىڭ 西部汇款 نومورى ئارقىلىق نەخلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

6.ئىسىمدىن باشقىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ ئادرېسچۇ؟ ئەگەر ھېساباتتىكى (تەستىقلىنىپ بولغان) دۆلەت ئامرىكا بولسا، بىراق بىز جۇڭگودا، پۇلنىمۇ جۇڭگودىكى ئادرېس ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ ھېساباتتىكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟ قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ ھېساباتتىكى ئىسمىمىز پىنيىنچە بولامدۇ-خەنزۇچىمۇ؟

ھىساباتتىكى دۆلەت تەۋەلكىنى ئۇلارغا ئىلتىماس يىزىپ ئۆرگەرتكىلى بولىدۇ. ئادىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.ھىساباتتىكى ئىسىم خەنچە ۋە پىيىنىيىچە بولىدۇ. جوڭگودا پۇل ئالغاندا پىيىنىيىنچىگە قارىمايدۇ، باشقا دۆلەتتە پۇل ئالغاندا خەنچىگە قارىمايدۇ. يەنى خەنچە بىلەن پىيىنچىگە(ئەمىليەتتە ئېنگىلىزچە ئىسىم) ئايرى-ئايرىم دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ياكى خەنچىگە كىملىكتىكىنى، ئېنگىلىزچىگە پاسپورتتىكى ئېنگىلىزچە ئىسىمنى دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئېلان كىرىمىنى كىڭەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئورگان تەرەپ تەۋسىيەسى بولۇپ تۆۋەندە مەن ئورگان تەرەپ دەرسلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇناي.

Close[SWF] - GoogleAdsense教程

84 دانە باھا

  1. purset
    2012/02/21 14:24:39 /

    تەييار ئېلان بارمۇ؟مەنمۇ بىرنى ئالاي دېگەن،پۇلۇم 300دوللارغا يەتكەندە يۇتىۋالدى،يەنە بىرنى قويۇپ باقاي دەيمەن.
    چ چ:782924578

  2. Nezeri
    2011/12/26 16:11:50 /

    مەن ېلتىماس قىلىۋاتىمەن

  3. نىجات
    2011/12/24 15:30:20 /

    مەنمۇ ئىلان ئالاي دىگەن ئىدىم ئېلىپ بىرىشكە ۋاقتىڭىز يىتەرمۇ؟

  4. ئاقسۇكىنوتورى
    2011/12/19 23:46:17 /

    سىزبىلەن بىر ئالاقىلشىپ تاۋباۋدىكى دۇكىنڭىىزدىكى مالنى ئېلىپ ئاۋۇ ئېلاننى ئىلتىماس قىلۋالسام بۇلىتى

  5. ئاقسۇكىنوتورى
    2011/12/19 23:43:40 /

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن سىزبىلەن بىر ئالاقىلىشىپ ئېلاندىن بىرنى ئىلتىماس قىلسام بۇلىتى

  6. مىسران
    2011/12/18 20:52:31 /

    ئەسسەلامۇ ئەلايكۇم ماڭىمۇ بىر ھىساۋات ئەپ بەرگەن بۇلسىڭز ……..
    276303698 …………سىزنى ساقلايمەن

  7. Balnur
    2011/12/18 01:37:37 /

    نەزەرباي نۇرقۇتتا يا ئۇچۇر قايتۇرمىدىلا ؟
    سىلى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن ، ياكى تاۋ باۋدىن 50 كويلۇق بالىنى سېتىۋالساق ، ئالى ۋاڭ ۋاڭدا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قوپيامسىلەر يا ؟

  8. فورمات
    2011/12/12 23:19:42 /

    مەنمۇ ئېلاندىن بىرنى ئىلتىماس قىلاي دىگەن تاۋباۋدىكى دۇكىنىڭىزدا پۇل تۆلىسەملا بولامدا؟

  9. Nezeri
    2011/12/07 20:24:37 /

    قولۇمدىكى 3 ئېلان تېخى چىقمىدى. چىقسا ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلاي.

  10. ئىزتىل
    2011/12/06 19:17:36 /

    نەزەرى ئەپەندى ، مەن ئىزتىل ئۈچۈن ئېلاندىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

  11. ناممە لۇم
    2011/11/22 07:34:44 /

    مەن تىخى ھازىر ئىچقانداق ئىلان قويمىدىم بىلوگىممۇ پۇتۇپ بولالمىدى ياخشىراق تەلىم بەرگەيسز بولسا مەن ئۇنتۇپ قالغان بەزى سۇئاللىرىمغىمۇ قوشۇپ قاۋاپ بىرىۋەتسىڭز

  12. ناممە لۇم
    2011/11/22 07:22:10 /

    مەن بىلۇگىمگە گوگۇل قارىنىڭ ئىلانىدىن باشقا يەنە بىرنەچچە شىركەتنىڭ ئېلانىنى قويماقچى بولىۋاتىمەن بۇنىڭغا گوگۇل قارىم نىمە سە گوگۇل قارىنىڭ ۋە بەيدۇنىڭ قويسام ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالامدۇ يەنە باشقا شىركەتلەرنىڭكىنى قويسامچۇ گوگۇل قارىنىڭ يەنە تورغا كىرگەن ئادەم سانىغا قاراپ بىرىدىغان ئىلانلىرىنى قانداق قوبۇل قىلىمەن كىرگەن ئادەم سانىغا قاراپ بىرىدىغان ئېلانى بىلەن چىكىلىشكە بىرىدىغان ئېلانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى قانداق ئالىمەن گوگۇل قارى قانچە ip چىققاندا قانداق ئېلانلارنى بىزگە بىرىدۇ قانداق شىركەتلەرنىڭ ئىلانىنى قويساق ئازراق بولسىمۇ كۆپرەك مەن پەتكە ئىرىشەلەيمىز . بىر مودىن ئىككى مۇ ياخشى ئەمەسمۇ

  13. Nezeri
    2011/11/11 21:41:17 /

    بۇرۇنقى كىملىككە يەنە ئالسىڭىز بولىدۇ. مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
    admin@halastan.com

  14. fghrty1
    2011/11/11 18:34:33 /

    ئەسسالا مۇ ئەلەيكوم : مەن 18 ياش تورىنىڭ ياردىمىدە گوگىل ھېساۋاتى ئالغان ئۇ چاغدا تور بېكەت pr قىممىتى 0 بولغاچ ئېلان كودىنى قويمىغان ،بىر مەزگىل ئۆتۈپ بوشلۇق ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ بېكەت تاقىلىپ قالدى .شۇنىڭ بېلەن قاچانكىن ئۇقمايمەن گوگىل ھېساۋاتىمغا كىرسەم توختاپ كېتىپتۇ ..بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم .مەن يەنە بۇرۇنقى كىملىك نومۇرىغا ھېساۋات ئالسام بولامدۇ ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسېڭىز :grin:

  15. شىرىن بۇلاق
    2011/11/09 22:34:17 /

    ياخشى ئىشتىن يەنە بىرسىگە يۇلۇقتىمغۇ بۈگۈن

  16. Nezeri
    2011/11/05 21:47:13 /

    تولدۇرىدىغان بىر نەچچە ئۇچۇر چالا قاپتۇ. قىزىل خەت كۆرۈنىدۇ، سىز ئاشۇ خەتنى بېسىپ ئېچىدىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.

  17. ئاشىق
    2011/11/04 22:56:40 /

    ياخشىمۇسىز خالىستان ئەپەندى مىنى ئېلانىم 最终收入详细信息 »
    暂停
    未支付收入
    مۇشۇنداق خەت چىقىۋالدى مۇشۇنى ياساشقا ئامال بارمىدۇ؟

  18. Nezeri
    2011/10/19 15:04:44 /

    مەن بىلەن ئالاقە قىلغايسىز
    admin@halastan.com

  19. Nezeri
    2011/10/19 15:04:21 /

    شۇنداق

  20. مەن ئىمران توربىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
    2011/10/16 19:51:17 /

    ئىنكاس:ئىلان قويسام پۇل ئىلىشمۇ بىر گەپ ئوخشىمامدۇ بەك جىق ئىش قىلدىكەنمىز ئىلان قويغان تەغدىردىمۇ پۇل ئالالمايدىغان ئوغشايمەن

  21. مەن ئىمران توربىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
    2011/10/16 19:39:01 /

    ئىنكاس:مەن تور بىتىمگە ئىلان قۇياي دىگەن لىكىن قانداق قۇيۇشنى بىلمىدىم شۇڭغا مەسلەھەت سوراي دىگەن

  22. ئىزتىل
    2011/10/08 03:07:04 /

    ئىنكاس:مەن بىرنى ئالاي دېگەن ، مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز . QQ410894566 ,

  23. Nezeri
    2011/09/28 12:12:58 /

    پۇلنى ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرەلمەيمەن. بۇنىڭغا ھىچكىمنىڭ ئىلاجى يوق. بانكىدا تونۇشىڭىز بولسا ئۇنىڭ يولى بىلەك.

  24. ئۇزۇق
    2011/09/28 11:27:19 /

    پۇلنى ۋاكالىتەنمۇ ئېلىپ بىرەلەمسىز؟ مەن تۇرغان يەردىمۇ بۇنداق ئۇرۇنلار يوقكەن. مەن قانداق ئالارمەن دەپ ئەندىشىدە تۇراتتىم.

  25. Nezeri
    2011/08/31 09:04:43 /

    بېيجىڭدا قەدەمدە بىر ئۇنداق بانكا بار.
    在一些特殊情况下,西联汇款需要别人代领,这样是不是可以呢?如果是可以的话,又要怎么操作呢?
    一是请收汇人与发汇人联系,由发汇人联系原发汇网点更改收汇人;
    二是请收汇人与西联公司客服中心联系,西联公司承诺其客服中心如能够在系统中得到汇款人的联络电话,将会尽量联络汇款人寻求确认解决;
    三如确因特殊情况需由他人代领汇款的,代领人须同时出示收款人和本人身份证件,并正确提供收汇人、发汇人姓名、金额等全部汇款信息,如有测试问题也必须正确回答,才能领取汇款。代领人在汇款收据上签名时,应同时注明代领人和收款人的证件名称及号码,并注明“代领“字样。经办行应将代领人和收款人的身份证件复印留底。

    گە ئاساسەن سىز تاپشۇرۋلغۇچى نامىنى ئۆگەرتىپ بەرسىڭىز مەن ئېلىپ بىرەي. قالغان ئىككى ئۇسۇلمۇ بولىدىكەن. شىنرىنكانىسى مۇشۇ بەتتىكى نىزام بويىچە بىر ئېلاننىڭ پۇلى بولسۇن. جىددى بولسا 15810541088 ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالايسىز. بۇنداق ئىشنى تىزراق قىلىڭ. ئەگەر كىچىككىنە ۋالىۋاش چىقسا بۇرۇنقى ئالمىغان كىرىملەرمۇ يوق.

  26. EnQa
    2011/08/30 17:08:28 /

    مېنىڭ ھېساباتىمدىكى كىرىم 100$ دىن ئېشىپ ئەۋەتىلىپ بولدى، ئىسىم بىلەن كىملىكتىكى ئىسىم تامامەن ئوخشاش، ئەمدى گەپ مەن تۇرىۋاتقان ناھىيىدە 西联汇款 مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان بانكا يوق، شەھەرگە بېرىشقا خىزمەت يول قويمايدۇ (شەنبە يەكشەنبە ھەم ئۇ مۇلازىمەت بىجىرىلمەيدىكەن) شۇڭا سىزدىن ياردەم سوراپ كەلدىم، كىملىكىمنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى ۋە 监控号 نى ئەۋەتىپ بەرسەم كىرىمىمنى ئېلىپ بېرەمسىز؟ ئېلىپ بېرەلىسىڭىز قانچە پىرسەنت شېرىنكانە ئالىسىز؟

  27. amet
    2011/08/18 13:45:58 /

    ئاپىرىن ، نەزەرى! تېمىلىرىڭىزنى بەك ئېسىلكەن. ھەممىسى ئىجادىيەتتەك. ئونىۋېرسال ساپايىڭىز ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن.
    ھەقىقەتەن ئېسىل بالىكەنسىز. شۇنداق چىقىشقاق.
    ئالدىنقى قېتىم ئالغان ئېلانلار ئوبدان كىتىۋاتىدۇ. يەنە ئىككى ئېلان ئېلىپ بېرىڭ، پۇلنى تاۋباۋدا ئۇرۇپ بولدۇم. ئاۋارە قىلىدىم ھە .

  28. Nezeri
    2011/07/20 00:55:07 /

    مەن يولۇققان. لىكىن ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ قالغانىدى.

  29. كۆكلەن
    2011/07/19 22:10:22 /

    گوگىل ئېلانىمنى ئىلتىماس قىلىپ بىلوگىمدا قۇيۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆرۈنمەيدىغان بۇلىۋالدى. بۇنداق ئىش ئالدىڭىزغا ئۇچرىغانمۇ؟ ياردىمىڭىزنى كۈتىمەن

  30. Nezeri
    2011/07/17 23:12:59 /

    يۇقارقى ئىككى تورداش مەن بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلىپ شۇ يەردە ئۆزىنىڭ كىملىكتىكى ئىسمى ۋە پۇل تاپشۇرۇشقا ئائىت ئىشلارنى ئۇقتۇرسا ئاندىن مەن ئېلتىماس قىلىپ بىرەي.

  31. diyar
    2011/07/17 21:45:09 /

    Mangimu Elip Biremsiz ?

  32. saba
    2011/07/12 14:39:17 /

    magimu birni elip bargan bolsigiz hazir siznig dukinigizdin setiwaldim
    man bilan alakilaxmakqi bolsigiz qq:873111766

  33. Nezeri
    2011/07/05 08:51:28 /

    قوشتۇم

  34. ئاجايىپ
    2011/07/02 23:24:33 /

    Men bilen alaqilashqan bolsingiz, rehmet, QQ:79581427

  35. Nezeri
    2011/06/19 01:36:54 /

    ئايرىم ئالاقىلىىشڭ.

  36. Nezeri
    2011/06/19 01:36:35 /

    بولىدۇ.مىنىڭ ئادىرسىمغا سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەن بېيجىڭدا، خەت ئوڭاي تېگىدۇ.

  37. akax
    2011/06/18 23:33:25 /

    مەن google ئېلانى ئالغان.. توربېتىمگە قويۇپ نورمال مېڭىۋاتىدۇ… لىكىن pin تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم..ئادېرىسقا كىملىكتىكى ئادېرسىمنى يازغانتىم.40 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ pin كەلمىدى… قانداق قىلىش كېرەك…
    ياكى سىزگە پۇل بەرسەم ئۆزىڭىزنىڭ ئادېرسىغا ئەكىپ… ماڭا pinنۇمۇرنى دەپ بېرەمسىز.. ئاشۇنداق مۇلازىمەت تۈرى.. بارمۇ؟

  38. Nezeri
    2011/06/18 10:42:19 /

    كەچۈرۈڭ مەن كەينى سۇپىنىلا ئاختۇرۇپتىمەن. يۇقارقى ئىنكاسىڭىز ئۇ يەرد يوقكەن….

  39. Nezeri
    2011/06/18 10:41:41 /

    ئەڭ كىچىككەندە 120 سائەت. تېز بولغاندا 72 سائەت. مۆھلەت ئىچىدە چىقمىسا پۇل قايتۇرۇلىدۇ.

  40. مەدرىس
    2011/06/18 08:16:16 /

    مىنىڭ ئىنكاسىمغا جاۋاب يوقما. ياكى ئىلان ئېلىپ بىرىدىغان ئىش تۇگىدىمۇ؟

  41. مەدرىس
    2011/06/05 20:43:51 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن گۇگۇل ئىلانى ئالاي دەپ 2ئادەمگە پۇل سېلىپ بەردىم. ئەمما تېخىچە تەستىقلانمىدى دەيدۇ. سىز قانچە كۇندە ئېلىپ بىرىسىسز؟ ۋاقىتنى ئىنىق دىسىڭىز پۇلنى ئۇرۋەتسەم بۇلاتتى. گەپ يۇزىدە بولغىنى ياخشى. ئۇغۇل بالا دىگەن گىپىدە تۇرمىسا بولمايدۇ.

  42. rohlan
    2011/05/28 13:04:49 /

    بىر مەزگىلدىن كىيىن سىزنى ئىزدەي ئە،ىسە … :razz:

  43. Nezeri
    2011/05/13 11:31:01 /

    西部汇款 دېيىلگىنى پۇل پىروۋوتنىڭ بىر خىل شەكلى.
    بۇنىڭغا پۇل بىرەر بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلمايدۇ، شەخىسنىڭ نامىغا سېلىنىپ، تەستىق كودى تەمىنلەيدۇ.
    شەخىس پۇل تاپشۇرۋىلىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋىلىپ(ئادەتتە پوچتادىن) ئاندىن شۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ پوچتاخانا ياكى يىزا ئىگىلىك بانكىسىغا بىرىپ پۇلنى ئالىدۇ.

  44. يىلتىز
    2011/05/13 11:04:29 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، سىز دىگەن 西部汇款 قايسى بانكىلارنى كۆرسىتىدۇ؟

  45. Nezeri
    2011/04/28 11:26:49 /

    يۇقارقى تېمىدا دېيىلگەندەك تاۋباۋدا پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ ياكى مىنىڭ تېلفونۇمغا ئۇرۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    زۆرۈر ئىش بولسا admin@halastan.com دىگەن QQ بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

  46. hamza
    2011/04/28 10:03:28 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن. پۇلنى قانداق تاپشۇرىمەن.

  47. نەزەرى
    2011/03/20 15:40:59 /

    :smile: :smile:

  48. anana05
    2011/03/20 13:00:12 /

    تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەنئەنە بلوگىغا قۇيىۋالدىم! رەھمەت!

  49. نەزەرى
    2011/03/19 18:49:22 /

    ھىساب چىقسا ئۆزلىرىدىن سايە يوق ئەمدى

  50. نەزەرى
    2011/03/19 18:37:44 /

    سىزنىڭ ھىساباتىڭىز چىقتى. ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ مۇقىملاشتۇرۇڭ.

  51. anana05
    2011/03/18 21:58:58 /

    بولىدۇ! خەيرىلىك جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن!

  52. نەزەرى
    2011/03/18 21:24:19 /

    مەن تاۋباۋدىن تاپشۇرۇپ ئالدىم.48 سائەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  53. anana05
    2011/03/18 19:27:36 /

    ھەممە ئۇچۇرلىرىمنى سىزنىڭ ئاۋۇ admin@halasta.com ئېلخەت ئادرىسىڭزىغا يوللاپ قويدۇم !

  54. anana05
    2011/03/18 18:24:12 /

    تاۋباۋدىكى دۇككۇنڭلارغا پۇلنى تۆلەپ بولدۇم! ئاۋۇ : admin@halastan.com غا باشقا ئۇچۇرلىرىمنى يوللىۋەتتىم! جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن! چ چ رىڭىزگە خەت يازسام يوق بۇلۇپ كەتتىڭىز! … ھى…ھى…ھى… http://anana05.blogbus.com

  55. نەزەرى
    2011/03/18 17:12:08 /

    سىزگە ئەلنەرقى باھادا بىرنى ئېلتىماس قىلىپ بىرەي.
    21071736 نۇمۇرلۇق QQ ئالاقىلشەيلى.

  56. anana05
    2011/03/18 17:06:54 /

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! مەن ئالدىنقى قېتىم دا مۇشۇ گوگېل ئېلانى توغرىسىدا سىزدىن سوئال سورغان، كىيىن گوگېل ئېلانى ھىساۋاتىمنى ئۇلارغا دەپ ئۆچۈرگۈزىۋەتتىم! ئەمدى قايتىدىن ئېلتىماس قىلماقچى مەن! ئەمسە سىز ماڭا ۋاكالىتەن مۇۋاپىق باھادا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بەرسىڭىز… چ چ 331496482 ئۇچۇرىڭىزنى كۈتىمەن!

  57. ئۆزخان
    2011/03/15 15:03:26 /

    توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىزلا رەھمەت

  58. Nezeri
    2011/03/14 23:28:26 /

    ئۇنداق دىمەڭ، سىزنىڭ قەدىمىڭىزنى قۇتلۇقلىيالماي تۇرسام ماۋۇ گەپنى.
    بلوگىمنى ئاۋات قىلىپ بەرسىڭىز مەن خوش بولىمەن تېخى

  59. ئۆزخان
    2011/03/14 23:24:41 /

    كەچۈرسىز، خالاستانغا كەلگەندىن بىرى قۇسۇرلا چىقىرىپ كەلدىم، خىجىلمەن

  60. Nezeri
    2011/03/14 15:57:44 /

    ماقۇل. مەن كومپيۇتېردا تولا ping ئارقىلىق توربەت سالاھىيىتىنى ئىنىقلاپ يۈرۈپ خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن.

  61. ئۆزخان
    2011/03/14 13:22:48 /

    5- تۈردە Ping دەپ يىزىلىپ قاپتۇ، ئەسلى pin بولسا توغرا بولاتتى دەپ ئويلايمەن، خاتا بولسا تەلىم بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  62. دولقۇن731
    2011/03/12 11:30:14 /

    تۈزۈت قىلماڭ ، مەن سەل ئۇڭايسىزلىنىپ قالىدىكەنمەن، ساق پۈتتۈرگەن بولسامغۇ كاشكى. ؛ بەزى ئىشلار تۈپەيلى ۋاختىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم كەچۈرۈڭ. ئىسىمنى يوللاپ قويدۇم، قالدى ئىشلارنى QQدا دىيىشىلى ئەمىسە. QQ : 87393476

  63. nezeri
    2011/03/09 20:44:15 /

    دۆلەت تەۋەلىكىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھازىرقى ھىساباتنى توختىتىپ ئاندىن قايتا ھىساب ئېچىشقا توغرا كىلىدىكەن. ئۇلار سىزنىڭ ھازىرقى ھىسابتىكى پۇلىڭىزنى توڭلىتىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. چۈنكى بىر ئادەم بىرلا ھىساب نومورىغا ئىرىشەلەيدىغان بولغاچ سىزنىڭ ئۇ ھىسابنى توڭلاتماي تۇرۇپ يەنە ھىساب ئىلىشىڭىز قائىدىگە خىلاپ.خالاستان بلوگى
    شۇڭا تەكلىۋىم، سىز بۇ ھىسابنى ئامىركىدىكى بىرەر بۇرادىرىمىزگە بىرىڭ(لىكىن پۇل ئالغاندا سىزنىڭ كىملىڭىز ياكى پاسپورتىڭىز كىرەك). ياكى ھىسابنى توڭلىتىپ باشقىدىن ھىساب ئىلىشنى ئىلتىماس قىلىڭ، ئىلان باشقۇرۇش بىتىدىلا بۇنداق تاللاش بار. بۇنداق بولغاندا تەستىقلىنىشى تېز بولىدۇ ھەم ھەقسىز.
    ئەگەر ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا مەن ئارقىلىق ئالسىڭىز مۇ بولىدۇ.

    سىز يىڭى ئېلان ھىساباتى ئالسىڭىز كونا ھېسابات تۈپەيلى بىكىتىڭىزگە تەسىر يەتمەيدۇ(پەقەت سىز ئىككىلى ھىساباتنى تەڭلا ئېچىپ مەشغۇلات قىلمىسىڭىزلا)، خاتىرجەم بولۇڭ.

  64. anana05
    2011/03/09 15:19:45 /

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    1) مەن 20كۈن ئېلگىرى تاۋباۋدىكى بىر خەنزۇ يولداشتىن google ئېلانى ئالغان ئىدىم (ئۆز نامىمدا)، لىكىن مەن يېڭىياچى بولغاچقا دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىماپتىمەن( كېيىن ئۆزگەرتىۋالسام بولدىغۇ دەپ ئويلاپ شۇ)، شۇنۇڭ بىلەن PIN نۇمۇرىنى تاپشۇرىۋېلىش ئۇختۇرىشى كېلىشتىن بۇرۇن تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ئادرىسلارنى تولدۇراي دەپ قارسام ، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى ئادرىسى دىگەن جايدا ئامېركىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىنىڭ ئادرىسى تۇرىدۇ، بىراق پۇل تاپشۇرۋالغۇچى ئىسمى مىنىڭ ئىسىمىم ئىكەن. شۇنۇڭ بىلەن پۇل تاپشۇرۋالغۇچى ئادرىسىنى ئۆزۇمنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرۋاتقان ئادرىسقا ئۆزگەرتەي دەپ ئىشنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن باشلاپ كىتىپتىمەن ، ئەپسۇس گوگلنىڭ قائىدىسى بۇيۇنچە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرىۋالدى . ئەگەر چۇقۇم ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئېلتىماس سۇنسام ، ھىسابات نۇمۇرىنى قايتىدىن ئېلتىماس قىلىدىكەنمەن. نەتىجىدە ھىساباتتىكى ئوننەچچە دوللار ۋە پۇل غا ئالغان بۇ ھاسابات توختيدىغان گەپ ئىكەن.
    2) ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەم ، بىر قېتىم PIN نۇمۇرىنى ئاشۇ ئادرىسقا ئەۋەتىپ بولدى، بىراق مەن جوڭگۇلۇق بولغاچقا تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، بۇنۇڭغا ئامال بارمۇ؟ ئەگەر ئامال بولمىسا مەزكۈر ھىساباتنى ئالدىغانلار بولسا ( يەنى مەن ئۇزۇم ئامال قىلىپ يەنە ئىككى قېتىملىق PIN نۇمۇرىنى تاپشۇرۋېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مەزكۈر ھىسابتنىڭ PIN گە ۋە كىيىن كېرىمگە ئېرىشەلەيمەن) دەيدىغانلار بولسا ياكى ئۆزى ئاممېرىكىدا تۇرىۋاتقانلار بولسا ئىچىدىكى 15$ دوللاردىن كۆپرەك پۇل بىلەن قۇشۇپ بۇ ھىساباتنى ئەسلى سېتىۋالغان باھادا (يەنى 50 يۈئەن خەلىق پۇلى) غا سېتىپ بىرىمەن، ئىچىدىكى 15$ دوللار سىز گە پايدا!
    3) كىيىنكى گەپ : بۇ توربىكەتتە ۋاكالىتەن Google ئېلانى ئېلىپ بىرىدىغانلار بولسا، باھاسى مۇۋاپىق بولسا ماڭا جۇڭگۇنىڭGoogle ھىساۋاتىدىن بىرسى كېرەك.
    Googleھىساۋاتى ئېلىپ بىرەلەيدىغانلار مەن بىلەن بىر ئالاقىلاشساڭلار: چ چ 331496482 ئېلخەت: 331496482@qq.com ئۇستىلارنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن!

    مەن روھلان تۇرىدىكى مۇشۇ تىمىنىڭ ئېگسى ، ئەنئەنەبلوگىنىڭ يازغۇچىسى , سىز ئېلاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولشى مومكىن دەپسىز؟ ئەگەر ئۆز گەرتكىلى بولسا قايسى باسقۇچلار كىتىدۇ؟( مەنغۇ گوگېلغا خەت يازسام دۆلەت ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ , ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئسىم بىلەن قايتا ئېلتىماس قىلىسىز دەپ ئۇچۇر كەلدى).
    يەنە بىر مەسلە: مەن ئۇلار دىگەندەك ئېلاننى قايتىدىن جوڭگۇ تەۋەسىگە ئېلتىماس قىلماقچى بولسام، گەرچە ماڭا ۋاكالىتەن ئېلان ئېلىپ بەرگەن كىشى ئۇ ھېساباتنى، مىنىڭ نۆۋەتتە مۇشۇ ھېساۋاتتىن ئېلان قويغان بلوگۇمغا ئېلىپ بەرمىگەن بولسىمۇ (مەن دىمەكچى ئېلان ئېلىپ بەرگۈچى ئېلاننى قايسى توربەتكە ئالغىنىنى بىلمەيمەن) مۇشۇ ئەھۋال ئاستىدا ھازىر ئېلان قۇيۇغلۇق بلوگۇمغا قايتا ئېلتىماس قىلسام چاتاق چىقماس ھە؟

  65. nezeri
    2011/03/08 23:09:01 /

    ئىككىسى ئىككى گەپ. كۈنىگە 300 دوللار دىگەنلەر ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپمۇ ئەمەس.300 دوللار دىگەن گەپ 2 تۈمەن دىگەن گەپ، تور دۇنياسىدا كۈنىگە 2 تۈمەن تېپىش جوڭگودا تور بەتكە تايىنىپ ئىشقا ئشىشى مۇمكىن ئەمەس.
    ئىلانغا كۈچىسە بولىدۇ، لىكىن لايىقىدا بولۇش كىرەك. ئىلان كىرىمى ئادەتتە تور بەت ياسىغانلارغا بىرىلگەن ئازراق ھاردۇق چىيىدەك نەرسە.

  66. yadikar
    2011/03/08 23:00:22 /

    سىز يەنە مەقسەتنى چۈشەنمەپسىز. مەن ئىلان ئارقىلىق باي بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم.ھەم ھازىرقى بايلىقىم ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ‹‹گوگىل ئىلانى›› ھىلىقىدەك‹‹كۈنىگە 300يۈەن تاپقىلى بولىدىغان›› ئويدۇرما ئىلان تەشۋىقاتتىن بەرقلىنەمدۇ-يوق؟ دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى.بىراق سىز……………………………….

  67. nezeri
    2011/03/08 16:48:28 /

    شۇنداق. Googleئىلانى ھەرقانداق ۋاقىتتا خاتالىق بايقالسا ياكى قەستەن چىكىلگەننى سەزسە سىزنىڭ بىر ئىغىز چۈشەندۈرۈشڭىزنى ئاڭلىمايلا توختايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر دىنبىر ئىش «سۇنى سىڭگەن يەرگە سەپ». بۇ ئىلان بىلەن تولا ئېتىشسا ياخشى ئەمەس. شۇنداقلا ئاخىردا ئەسكەرتىش، ئىلاندىن پۇل تېپىپ باي بولۇش ھەقىقەتەن تەس.

  68. يادىكار
    2011/03/08 11:54:18 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن ئوتتۇرغا قويغان ئىلان ھەققىدىكى 2 مەسىلىگە ئالايىتەن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت.
    مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، قانداقتۇ ‹‹ئىلان ئارقىلىق باي بولغىلى بولامدۇ›› دېگەن مەسىلە ئەمەس. سىز ئېيىتقاندەك بىر يىلدا 600 دوللار تېپىپ يۈرسە باي بولۇش ئەمەس،گاداي بولۇپ كېتىش مۇمكىن. ھازىر ئۇچۇر توربەتلىرىدە بەزىلەر ‹‹بىر كۈندە 300يۈەن تاپقۇڭىز بارمۇ›› دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تور ھەۋەسكارلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرىيدۇ. ھەتتا ئاشۇ ئىلانغا ئەگىشىپ كۈنىگە 300يۈەن تېپىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ بانكىدىكى تەييار پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. مېنىڭچە پۇل تېپىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس،خەق بىكاردىن-بىكار ئاسماندىن پوشكال چۈشكەندەك كۈنىگە 300 يۈەن تاشلاپ بەرمەيدۇ.
    گەرچە مەن دىمەتلىك بىر قىسىملار مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئانىلىز قىلىپ ئىش قىلسىمۇ،تولاراق ياش تورچىلار نىڭ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىۋاتقانلىرىمۇ خىلى بار. شۇڭا مۇشۇ‹‹ئىلان›› مەسىلىسىدە يىنىكلىك قىلىش ئويلىمىغان يەردىن باشقىچە نەتىجە كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم. دېگەندەك،سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىكى‹‹ھەم google دەك 99 دوللار بولۇپ بولغاندا بىر ئېلخەت بىلەن خوشلىشىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ››دېگەن يەكۈندىن چىقىپ تۇرىدۇكى‹گوگىلنىڭ ئىلانىمۇ شۇنچىلىك نەتىجىلىنىدىكەن› سىز ئوچۇق ئوتتۇرغا قويمىغان بولسىڭىزمۇ بۇ سۆزدىن بىلىۋىلىش تەس ئەمەسكى ‹‹ھەرقانداق ئىلان››نىڭ ئارقىسىدىن قارىغۇلارچە چېپىش ھامان ياخشى ئاقىۋەت بەرمەيدىكەن.
    ماڭا ئىلان ھەققىدە مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.

  69. nezeri
    2011/03/08 09:49:21 /

    1.يەنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ئىلىنغان ئىلان(سىز ئىلان بىتىدىن ئىرىشكەن ھەر بىر ئىلان كودىدىدا سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز بار) كودىنى بىر بەتكە تەكرار قويسىڭىز بولۋىرىدۇ، بىرلا قىتىم ئىچىلغان بەتتە ئۇلىنىش ئىلانىدىن 3 تىن ئاز، ئادەتتىكى ئىلاندىن 3 تىن ئاز، جەمئىي 6 (6 بولسىمۇ بولىدۇ) دىن ئاز ئىلان قويۇشقا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ كەتسە توختاپ كىتىش خەۋىپى بار. ئادەتتە بىر بەتكە 4 لا ئىلان قويۇلسا كۇپايە. سىزنىڭ بېتىڭىز googleتەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا ئاندىن سىزنىڭ بىتىڭىزدە ئېلانلار مەزمۇنغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ئادەتتە بىرەر ھەپتە ۋاقىت كىتىدۇ.
    2.مەن يۇقارقى مەزمۇندىمۇ دەپ ئۆتكەن، بۇ ئىلاننى قويۇپ باي بولۇپ كەتكەنلەر تېخى يوق. چوڭ قىلسا بىكەتنىڭ چىقىمىنى ئاران كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. بۇ ئىلاننى قويۇشتىن مەقسەت تور بىكەتكە يىڭىچە ئابروي قوشۇش. چۈنكى Google ئىلانىنى ئىلىش ئەڭ تەس. ئۇلارنىڭ قىلتاقلىرى تولا، شۇڭا بەتلەرگە باھا بەرگەنلەر مۇشۇ ئىلانغىمۇ قارايدۇ. googleسىزنى ئىتىراپ قىلسا ئاندىن بىتڭىزدە ئىلان چىقىدۇ دىگەن گەپ. شۇڭا مىنىڭ ۋە ماڭا مۇشۇنداق ئىلان ئىلىپ بىرىدىغان خەن دوستۇمنىڭ تەكلىۋى شۇكى، بەتكە بۇ ئىلاننى بىرلا يەرگە قويۇش ۋە باشقا ئىلان مۇلازىمتېرلىرىنىڭ 百度,阿里妈妈 دىگەندەكلەرنىڭ ئىلانىنى قويۇش. googleنىڭكىنى ئابروي ئۈچۈن، باشقىلىرىنى پۇل تىپىش ئۈچۈن ئىشلىتىش كىرەك.googleنىڭكىنى قويۇپ، يەنە باشقىلىرىنى چىكىپ باشقىلىرىدا غەيرىيلىك كۆرۈلسە ئۇلار googleنىڭ ئىلانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈپ سەل يول قويىدۇ.ھەم google دەك 99 دوللار بولۇپ بولغاندا بىر ئېلخەت بىلەن خوشلىشىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا 100 دوللار بەزىدە 3 ئايدىن 1 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئېلىش مۇمكىن. بۇنداق قىلىش راستلا ئەرزىمەيدۇ. بىر يىل مۇكچىيىپ تور بەت ئىچىپ 600 سومغا ئىشلىسە راستلا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ.

  70. يادىكار
    2011/03/07 22:01:25 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نەزەرى ئەپەندى. تۆۋەندە ئىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەسىلە ھەققىدە تەلىم ئالماقچىمەن. چۈشەنچە بەرگەيلا.
    1)يۇقۇرىدا‹‹بىر تور بەتكە بىرلا ھىسابتىن جەمئىي 6 دىن ئاز ئىلان قويۇشقا بولىدۇ›› دىيىلىپتۇ. ئۇنداقتا 5 ئىلان قويغىلى بولسا كېرەك. مېنىڭ باشقا توربەتلەردىن كۆرۈشۈمچە ھەر بىر تىما ئېچىلسا بىر ئىلان بىللە چىقىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟
    2) ھازىر تور بەت ئاچقانلارنىڭ ھەممىسىدە‹‹ئىلان››قىزغىنلىقى يۇقىرى ئىكەن. مېنىڭ بۇ ھەقتە ئۇقىدىغىنىم، مۇشۇ گوگىلنىڭ ئىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى قانچىلىكتۇ. تور بېتىگە ئىلان قويۇپ ئىلان كىرىمىدىن قولىغا نەق پۇل ئېلىپ باققانلار بارمىدۇ؟ياكى بۇ ئىلان ئىشى بىر چۈشتەكلا ئىشمىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى سورايمەن.

  71. nezeri
    2011/03/06 17:46:58 /

    ھىسابتاتتىكى دۆلەت تەۋەلكىنى ئۇلارغا ئىلتىماس يىزىپ ئۆرگەرتكىلى بولىدۇ. ئادىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    ھىساباتتىكى ئىسىم خەنچە ۋە پىيىنىيىچە بولىدۇ. جوڭگودا پۇل ئالغاندا پىيىنىيىنچىگە قارىمايدۇ، باشقا دۆلەتتە پۇل ئالغاندا خەنچىگە قارىمايدۇ. يەنى خەنچە بىلەن پىيىنچىگە(ئەمىليەتتە ئېنگىلىزچە ئىسىم) ئايرى-ئايرىم دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ياكى خەنچىگە كىملىكتىكىنى، ئېنگىلىزچىگە پاسپورتتىكى ئېنگىلىزچە ئىسىمنى دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

  72. چوغدىل
    2011/03/06 17:26:50 /

    سالام. ئىسىمدىن باشقىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ ئادرېسچۇ؟ ئەگەر ھېساباتتىكى (تەستىقلىنىپ بولغان) دۆلەت ئامرىكا بولسا، بىراق بىز جۇڭگودا، پۇلنىمۇ جۇڭگودىكى ئادرېس ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ ھېساباتتىكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟ قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ ھېساباتتىكى ئىسمىمىز پىنيىنچە بولامدۇ-خەنزۇچىمۇ؟ بۇلارغا تەپسىلىيرەك جاۋاپ بەرسىڭىز. مەن ئەھۋالغا قاراپ بېقىپ، ئاندىن…. :roll:

  73. nezeri
    2011/03/03 16:18:20 /

    ماقۇل. پۇلىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن 32 سائەت ئىچىدە سىزگە جاۋاب بىرىمەن.

  74. yadikar
    2011/03/03 12:12:48 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نەزەرى ئەپەندى! بىلوگىڭىزنى تولۇك كوردۈم. لازىملىق ماتىرىياللار تېپىلىدىكەن. بولۇپمۇ google ئېلانى ھەققىدىكى سۇئال-جاۋابلار مېنى خېلى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىرىشتۈردى. ھىممىتىڭىزگە رەھمەت.
    مەقسەت مەن بىر ئېلان ھېساباتى ئالاي دېگەن. ھەمدەمدە بولۇپ ئېلىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن.
    ھۆرمەت بىلەن: يادىكار

  75. nezeri
    2011/03/01 19:40:43 /

    پۇلنى ئادەتتە يىزا-ئىگىلىك بانكىسى، پوچتا-تىلگىراف بانكىسى دىگەندەك چوڭ بانىكىلاردىن ئىلىشقا بولىدۇ.
    ئۇ بانكىلاردىمۇ بولمىسا جوڭگو بانكىسىدا بولىدۇ.
    ئەمىليەتتە بۇ ئىلاننى قويۇش نوقۇل پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تور بەتكە ئىناۋەت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن. چۈنكى googleنىڭ ئىلان ئەگىشىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى. شۇڭا بۇ ئىلان قويۇلغان تور بەتنىڭ ئىناۋىتىگە باشقا ئىلان بەرگۈچىلەر ئوڭاي ئىشىنىدۇ. شۇڭا سىز 阿里妈妈,百度推广دىگەندەك ئىلانلارنى قويۇپ ئازراق غەيرىيلىك كۆرۈلسىمۇ بۇ ئىلاننىڭ يۈزى بىلەن تۇرىۋىرىدۇ.

  76. alip
    2011/03/01 18:00:29 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . نەزەرى ئەپەندىم
    مەن بىرنى ئالاي دىگەن . لىكىن پۇل ئېلىش مەسىلىسىدە .
    مەن تۇرۇۋاتقان خوتەندىن ئالغىلى بولارمۇ ؟ قانداق ئالىدۇ دىگەندەك مەسىلىدە تۇرۇپ قالدىم . مەسلىھەت بەرسىڭىز .

  77. nezeri
    2011/02/21 02:00:38 /

    خوپ. تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھىسابنى ساقلىغايسىز

  78. ئەرۋاھ
    2011/02/20 15:30:45 /

    بىر ھېساب نومۇرى ئۈچۈن 40 يۈەننى ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇۋەتتىم(قول تېلىفونىڭىزغا) خەۋەردار بولغايسىز

  79. nezeri
    2011/02/18 04:29:13 /

    سىزگە ئۇچۇر قىلدىم. بارمىغان بولسا مىنىڭ QQ admin@halastan.com

  80. ئەرۋاھ
    2011/02/17 18:29:57 /

    خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالدىم جاۋابىڭىزدىن،رەھمەت سىزگە،مەن ھازىرچە ئىككى ھېساۋات نومۇرى ئېلىپ تۇراي،كىيىنچە يەنە ئالارمەن.ھە راست پۇلنڭ بانكا كارتىڭىزغا بىۋاستە ئۇرۇپ بېرىمەن،تاۋباۋدا 支付宝 ئىشلىتىپ يۈرمەيلى،سىزنى بىلىك كولۇبىدىكى ۋاقىتلىرىڭىزدىن تارتىپ بىلىمەن،سىزگە تولۇق ئىشىنىشكە بولىدۇ،بانكا كارتىڭىزنىڭ نومۇرى،ئىسىم فامىلىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.قولايلىق بولسا ماۋۇ مېنىڭ مۇڭداشقۇ نومۇرۇم:359903451

  81. nezeri
    2011/02/17 12:51:54 /

    كۆپ رەھمەت. مەن سىز گە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ باھانىڭىزدە بۇ ئۇسلۇبقا ئىگە بولدۇم.
    ئەلۋەتتە بولىدۇ. بايا تېخى ئىلقۇت (پەنگىيار)غا بىرنى ئىلتىماس سۇندۇم. ئوڭۇشلۇق بولسا ئەتە نەتىجە چىقىدۇ.
    قولاي بولسا ئىسىمىڭىزنى admin@halastan.comغا ئۇچۇر قىلىپ جەزىملەشتۈرۈپ بىرىڭ. ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس چىققاندا ئاندىن باشقا گەپنى قىلىشساقمۇ سىز بىزگە ئىشەنچلىك.  :smile:

  82. دولقۇن731
    2011/02/17 11:55:02 /

    بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! مەن بىرنى ئالاي دىگەن

  83. nezeri
    2011/02/17 05:23:24 /

    بىر ئادەمنىڭ ئىسىمغا پەقەت بىرلا ھىسابات نومۇرى ئىلىشقا بولىدۇ. لىكىن بىر تور بەت ئىسمىغا خالىغانچە كۆپ ئىلان ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا تور بەت بىلەن قۇرغۇچىنىڭ مۇقىم ئارخىپى يوق.
    ئىلتىماستا تىزىملاتقان خەنزۇچە ئىسىمدىن باشقا ھەممە ماتىريالنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىلان ئىلىش ئويىدا بولسىڭىز يىقىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئىسمىدا ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت بانكىدىن پۇل ئالغاندا شۇ كىشىنىڭ كىملىكى لازىم بولىدۇ.
    ئەمدى ئىلان سانىغا كەلسەك، ھىچقانداق چەكلىمە يوق. يەنى سىزنىڭ 100 تور بىتىڭىز بولسا 100 تور بەتكە بۇ ئىلاننى(كودنى) قويسىڭىز بولىۋىرىدۇ. پەقەت بەك چىكىلىش قىتىمى بىلەن ئىلان چىكىلىش قېتىمى مۇۋاپىق نىسبەتتە بولسا ، مەسىلەن 100 قىتىم ئىچلغان بەتتە 2 قىتىم ئىناۋۋەتلىك ئىلان چىكىلسە بولىدۇ. ئاز بولۇپ كەتسە خەۋپ يوق، كۆپ بولۇپ كەتسە توختاپ كىتىشى مۇمكىن. ئەمدى كۆپ ھىساب نومۇرى ئىلىش نىمىگە مۇھىم دىسىڭىز. تاساددىپىي تور بەتتىكى ئىلانلار باشقىلار تەرىپىدىن ئۇدا نەچچە كۈن كۆپ چىكىلىپ كەتسە ئىلان بەرگۈچى تەرەپ بۇنىڭ ھەقىقىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئىلاننى توختىتىۋىتىدۇ،ياكى تور بەتتىن ئاپتورلۇق ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك(ناخشا-مۇزىكا) بايقاپ قالسىمۇ توختايدۇ، ۋە مەڭگۈ قايتا ئىلان بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.بۇنىڭغا دەرھال باشقا ئىلاننى قويۇپ كىرىمنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋەرگىلى بولىدۇ.. ئىلاننىڭ تۆۋىنى ھەقسىز، يۇقىرىسى 10 دوللارغىچە كىرىملىكلىرى بار. يەنە مەسىلە بولسا سوراڭ.

  84. ئەرۋاھ
    2011/02/16 19:32:22 /

    نەزەرى ئەپەندىم،مەن بىلىك ۋە ئىنتىلدىكى ئەرۋاھ بولىمەن.ئالدى بىلەن موشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق خالاستان بى لوگى قورۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەك بولۇشىنى تەلەيمەن.
    Googleئېلانى ھېساباتى ئېلىشقا قىزىقىپ قالدىم،بىر ھېساۋات نومۇرىغا قانچە ئېلان ئالغىلى بولىدۇ؟بۇ جەھەتلەردىن مەن بەكلا خام بولغاچقا ئەخمىقانە سوئال سوراپ قويغان بولسام كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن،شۇنىڭغا قاراپ ئېلان ھېساۋاتىدىن قانچىنى ئېلىشنى بىكىتىمەن.جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ھە

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ
    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. بىرھون:
      سىز بولسا، Android قا سېستىما قاچىلاش،…
    2. بىرھون:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلوگىڭىزدا كىچىك …
    3. ئادىل:
      ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئۇستاز مىنىڭ مۇش…
    4. ئۇزدىل تورى:
      بايام قولۇم بېسلىپ كېېتىپ قالدى، كەچۈر…
    5. ئۇزدىل تورى:
      ئۇزدىل بلو…
    6. ۋەيرانى:
      win8دە 100 نوقتىنى قوللايدىغاندۇ؟…
  • خەتكۈچلەر

    iphone4 ipad 3 Mac OS X GoogleAdsense icloud iphone4s ios apple ئەقلىفون steve jobs ipad مۇڭ symbian shsh IT ios5 مەھسۇلات RSS appstore itunes google خالاستان بىلوگ cydia pxl ھەقسىز قۇلۇپ gulan uyghur ئۇيغۇر iPod epub يۇنىكود ئۆلچىمى ipad2 iPhone
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club